Uyghur主要词典
كلاۋسېۋىتس
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1831) گېرمانىيىلىك ھەربىي نەزەرىيىچى. پرۇسسىيە گېنېرالى. باجگىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1792 - يىلى پرۇسسىيە ئارمىيسىگە قاتناشقان. 1793 - يىلى فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1803 - يىلى بېرلىن ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1806 - يىلى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ، 1808 - يىلى قويۇپ بېرىلى، پرۇسسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1808 - 1809 - يىللىرى گېنېرال سانىھورست رەھبەرلىكىدىكى <ھەربىي ئىشلارنى قايتا تەشكىللەش كومىسىيىسى>نىڭ ئىشخانا كوماندىرى بولۇپ، پرۇسسىيە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىغا پائال قاتناشقان. 1810 - 1812 - يىللىرى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە، <ھەربىي تەلىم - تەربىيىدىن ئومۇمىي بايان>، <ئىشەنچنىڭ ئۈچ بەلگىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ، خەلق ئۇرۇشىنى قوزغاش ئارقىلىق ناپولېئوننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1812 - يىلى باھاردا، ناپولېئوننىڭ بېسىمى ۋە يۇنكىرلارنىڭ قارشىلىقى بىلەن، نائىلاج پرۇسسىيىدىن ئايرىلىپ، روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىپ، 1812 - يىلدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1814 - يىلى پرۇسسىيە ئارمىيسىگە قايتىپ كېلىپ، جۇنتۇەندە شتاب باشلىقى بولغان. 1818 - 1830 - يىللىرى بېرلىن ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە، 1566 - يىلدىن 1815 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 130 - قېتىملىق جەڭ ۋە ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ توملۇق مەشھۇر ھەربىي نەزەرىيىۋى ئەسىرى <ئۇرۇش ھەققىدە> نى يېزىپ چىققان. ھەربىي ئىشلار ئىدىيىسى جەھەتتە بۇرژۇئازىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىلغار خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دىئالىكتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى، شەكلى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ مەلۇم توغرا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئېنگلېس ۋە لېنىن ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەرگەن. 1830 - يىلى توپچىلار قىسمىنىڭ باش تەپتىشى بولغان. 1831 - يىلى پرۇسسىيە پولشا چېگرىسىدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. شۇ يىلى خولېرا كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.