Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام دىنىدىكى ئاللاھ
ئىسلام دىنى
ئىسلام دىندا: ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ مەۋجۇت ئەمەس. ئاللاھ مۇتلەقتۇر، ئۇلۇغدۇر، ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر، ھەممىلا يەردە، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر، ئۇ ئىنسانلارغا ئۇلار ئېھتىياجلىق جىمى نەرسىنى، جۈملىدىن ھاياتلىق، يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇنى ئاتا قىلغان؛ ئادەملەر غەم - قايغۇغا چۆمگەندە، ئاللاھ ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ، ئادەملەر موھتاجلىقتا قالغاندا، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر، ئۇنىڭ ئوبرازى بولمايدۇ، مۇقىم جايى بولمايدۇ، ئاۋۋىلىمۇ، ئاخىرىمۇ بولمايدۇ، ئۇ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جاجىسىنى بېرىدۇ، ئۇ تەڭداشسىزدۇر، دەپ قەيت قىلىنىدۇ.