Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام دىنىغا دائىر يادىكارلىقلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1) بۇ ئىسلام تارىخىغا دائىر خەنزۇچە ئەسەر بولۇپ، جاڭ شى يازغان. كىتاب يوقىلىپ كېتىپ، مۇقەددىمىسى ساقلىنىپ قالغان . (2) بۇ ئەسەرنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى سۇن كېيەن تۈزگەن بولۇپ، ئەسەردە ئىسلام دىنىغا دائىر خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەر توپلانغان. بۇلار ئىسلام دىنىنىڭ گۈللىنىشى، جۇڭگوغا كېلىپ دىننى تەبلىغ قىلغان دانىشمەنلەر، جۇڭگو خانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرى، مەسچىتلەرنىڭ ئابىدىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭغا «شەرھۇل خۇتبە» قوشۇمچە قىلىنغان. 1921 - يىلى بېيجىڭ ئىسلام كىتابخانىسى تەرىپىدىن قايتا بېسىلدى.