Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىراندىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ سىياسىي پارتىيە بولۇپ، 1979 - يىلى 2 - ئايدا قۇرۇلدى. ھۇمەيىننىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئىناۋەتلىك، مەرتىۋىلىك ئايەتۇللار، داموللا قاتارلىقلار رەھبەرلىك تايانچىلىرى بولدى. ئىچكى جەھەتتە ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈلمىدە چىڭ تۇردى. ئىراننى ئىسلاملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. سىرتقا قارىتا <شەرقنىڭ كېرىكى يوق، غەربنىڭمۇ كېرىكى يوق> دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، ئىرانچە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىغا كېڭەيتمەكچى بولدى. 1985 - يىلى 5 - ئايدا 1 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ماقۇللىدى. مەركەزنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىنى سايلاپ چىقتى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.