Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام تەتقىقات ئۇيۇشمىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىش ئورگىنى بولۇپ، 1961 - يىلى قۇرۇلدى. ھەر قايسى ئىلمىي ئېقىملاردىكى 50 نەپەر ئىسلام ئۆلىماسى (جۈملىدىن 20 نەپەر چەت ئەللىك ئۆلىما) دىن تەركىب تاپتى. ئىسلام دۇنياسى، بولۇپمۇ مىسىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي قاتارلىق مەسىلىلەرنى دىن نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. قەرەلسىز يىغىن ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. يىغىنغا ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىكى 40 - 50 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ياكى دىنىي داھىيلىرى ۋە مەشھۇر ئۆلىمالىرى قاتنىشىدۇ. خەلقئارادىكى سىياسىي مەسىلىلەر تەتقىقاتىغا، مەسىلەن، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، لىۋاننىڭ ئىچكى ئۇرۇشى، ئافغانىستان ۋە ئىراق - ئىران ئۇرۇشى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئىختىلاپلارنى چەتكە قويۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، سىرتقى دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. ئىسلام دىنىغا ۋە ئىسلام زېمىنىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان ھەممە دۈشمەنلگەرگە جىھاد قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا دىنىي تەربىيىنى ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەرەب تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، بانكا كەسپى، شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى، زاكات، باج، ئىئانە قىلىش، سەدىقە بېرىش، نىكاھلىنىش، نىكاھىدىن ئاجرىشىش، بىر ئەر كۆپ خوتۇن ئېلىش، پىلانلىق تۇغۇت، مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، دىنىي قائىدە - يوسۇن، ئېتىكا - ئەخلاق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەمىشە مۇھاكىمە قىلىپ تۇردى. بۈگۈنكى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دىنىي ئىدىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۆۋرۈكى بولدى.