Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام ئاساسىي قانۇنى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھازىرقى زامان ئىسلام شەرىئىتىدە قوللىنىلغان سۆز بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى - ئاساسىي قانۇنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، رېئال ئاساسقا ئىگە ئەمەس. تارىختا ئىسلام دۆلەتلىرىدە دۆلەت تۈزۈلمىسى توغرىسىدىكى خەلىپە تەلىماتى ياكى ئىمام تەلىماتى بولغان. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پاكىستان، ھىندونېزىيە، مىسىر، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت دىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، شەرىئەتنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ئەمەلگە ئاشمىدى. 1980 - يىلى ماقۇللانغان <ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى> <ئۈچ ھوقۇقنىڭ بۆلۈنۈشى> قاتارلىق ھازىرقى زامان بۇرژۇئازىيە كۆز قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئۇ <ئىسلام ئاساسىي قانۇنى> ئەمەس.