Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام شەرىئىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەسلىي مەنىسى <بۇلاققا بارىدىغان يول>، <ئەمەل قىلىنىدىغان يول> دېگەنلىك بولۇپ، ئاللا كۆرسەتكەن توغرا يول، يەنى <قۇرئان كەرىم> دە ۋەھىي قىلىنغان، ھەدىستە شەرھلەنگەن ۋە تولۇقلانغان ئاللا ئەمرىنىڭ يىغىندىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دىن، سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار شەرىئەت دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنى كىشىلەرنىڭ ھەممە ھەرىكەتلىرىنى، جۈملىدىن ئېتىقاد، ئېتىكا ئەخلاقى، قائىدە - يوسۇن (ئەھكام)، ھەق تەلەپ، سودا، جىنايى ئىشلار، ۋەخپە، ئەرز - شىكايەت تەرتىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، جىھاد، ئەسىرلەر، جەڭ غەنىمەتلىرىنى تەقسىم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە فەقىھلەرنىڭ ئىجتىھادى ئەمەلىيەتتە قەدىمكى بەدەۋى قەبىلىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى، مەدىنە مۇسۇلمانلىرىنىڭ سودا ئادەتلىرى، ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن - قائىدىلىرى، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىنى، خەلقنىڭ ئادەتلىرى، ۋىزانتىيە، پرسىيە ساسانىيلار سۇلالىلىرىنىڭ قانۇنلىرى قاتارلىق تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ ئۇسۇلى فىقھ جەھەتتە قۇرئاندىكى ھۆكۈملەرنى، ھەدىستىكى ھۆكۈملەرنى، ئىجمائنى، قىياسنى شەرىئەتنىڭ تۆت مەنبەسى قىلدى. راي (پىكىر)، ئىجتىھاد، ئىستىھسان، ئىستىسلاھ قاتارلىقلارنى قوشۇمچە ئەل فىقھ ياكى نەزەرىيىۋى ئاساس قىلدى. شۇڭا شەرىئەت ئاللانىڭ مۇقەددەس ئىرادىسىنى مەنبە قىلىدۇ، دەپ قارالغانلىقتىن، فىقھە تەھسىلىي ئىدراك بولۇپ، پەرزنى ياكى فىقھە بىلىملىرىنى چۈشىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىم بولدى؛ ئىلمىي ئۇسۇل ئەل فىقھ (ئىلمىي فىقھە) ئۇسۇل ئەل فىقھەنى، پرىنسىپ - قائىدىلەرنى ياكى ئاساسلارنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىمدىن ئىبارەت. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن فەقىھلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلىمات، ھۆكۈم، پرىنسىپ، قائىدىلەر، يەنى فىقھە سىستېمىسى بويىچە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىچىدە ھەنەفىيە، مالىكىيە، شافىئىييە، ھەنبەلىيەدىن ئىبارەت تۆت ئىلمىي ئېقىم شەكىللىنىپ، <تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمى> دەپ ئاتالدى. بۇ ئېقىملارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرى ۋە نوپۇزلۇق فىقھلىرى رەسمىي ئېلان قىلغان فىقھە قاراشلىرى (پەتىۋالىرى) قاتارلىق ھۆججەتلەر بۇ فىقھەنىڭ نوپۇزلۇق ئىزاھاتى دەپ ھېسابلىنىپ، مەھكىمە شەرئىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئاساسى قىلىنىپ، ئەرەب ئىمپېرىيىسىدە ئۆتكەن ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلەندى؛ شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىجلارمۇ نىسىپىي مۇستەقىل فىقھە سىستېمىسىغا ئىگە بولدى. فىقھە (شەرىئەت) نۇرغۇن قانۇن - قائىدىلەرنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئوخشىمىغان تۈرلەرنىڭ ئېنىق چېگرىسى يوق. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە تۈرلەرگە ئايرىلغان ھۆججەتلەر توپلىمى ۋە ئايرىم قانۇن - قائىدىلەر بارلىققا كەلدى؛ ئۇنىڭ دائىرىسى دىن، ئېتىكا، قانۇندى ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، پەرزنىڭ ئوخشىماسلىقى بويىچە، مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك، ھارام قىلىنغان ۋە جازالىنىشتىن ئىبارەت بەش خىل ھەرىكەت قائىدىسىگە ئايرىلدى. فىقھە سىستېمىسى Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرى تەدرىجىي شەكىللەندى. Ⅷ - Ⅸ ئەسىرلەردە تولۇق تەرەققىي قىلدى، Ⅹ ئەسىردە قانۇن سىستېمىسى بولۇپ مۇقىملاشتى. نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىجمائ ئاساس قىلىندى، ئىجتىھادنىڭ ھاجىتى بولمىدى. كېيىن سۈننىي مەزھىپىدە ئەنئەنىۋى قاراشقا ئەمەل قىلىش (تەقلىد قىلىش) ۋە <ئىجتىھاد ئىشىكىنى تاقاپ قويۇش قارىشى> شەكىللىنىپ، بېكىنمە سىستېما پەيدا بولدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن - تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتى. فىقھە (شەرىئەت) ئىچىدە مۇدېرنىزم، ئەنئەنىچىلىك، ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق پىكىر ئېقىملىرى ئەۋج ئالدى. ئىسلام دۆلەتلىرىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، زور كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە شەرىئەتنىڭ ئورنىنى دىندىن خالىي قانۇنلار ئىگىلىدى. مۇدېرنىزمنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، شەرىئەت نەزەرىيىسىدە، گەۋدىسىدە ۋە ئەدلىيە تۈزۈمىدە روشەن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ھەممە قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن تەدرىجىي تارىيىپ، نىكاھ، ئائىلە، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ساھەلەر بىلەن چەكلىنىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. لېكىن، تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا شەرىئەت ھېلىھەم كەڭ تەسىرگە ئىگە. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 60 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا ئەنئەنىۋى قانۇن - تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان پىكىر ئېقىمى پەيدا بولدى.