Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام دىنىنىڭ بەرپا قىلىنىشى
ئىسلام دىنى
ئەينى ۋاقىتتا، ئەرەبلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆپ خۇدالىق دىننىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى، ئۇلار بۇتقا چوقۇناتتى، مەككىدە ئاز ساندا يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار بار ئىدى... مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى دىندىن ئوبدان خەۋەردار ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا كىرگەندە ۋەھىي باشلاندى، ئاللا ئۇنى بۇ دۇنياغا مۇقەددەدس بۇرچ بىلەن بىشارەتچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى روسۇلىللا قىلىپ ئەۋەتتى.
مۇھەممەدئەلەيھىسسالام تۇغقانلىرى ۋە ئاز ساندىكى ئادەملەر ئارىسىدا ئۈچ يىل ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلدى.
مىلادى 613 - يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشىنى ئاشكارا ئېلىپ باردى. بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى.
مىلادى 622 - يىلى، روسۇلىللا مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. مەدىنە مەككىگە 200 كىلومېتىر كېلەتتى. ئىسلام دىنى بۇ يەردە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىغا زور تۈركۈم ساھابىلەر ھەق دىننى تۇنۇپ توپلاشتى.
مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش ئىدى. ئەگەر مەككىدە ئۇنى قوللىغۇچىلار ئاز بولغان بولسا، مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوللىغۇچىلار كۆپەيگەنىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام دىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ يېتىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىشىلەر قەلبىدە تەسىرى ئەڭ زور شەخس بولدى. كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە ساھابىلەرنىڭ سانى كۆپەيدى . ئۇلار مەككىدىكى مۇشرىكلار بىلەن مۇشرىكلار ئىسلامغا قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇش ئېلىپ باردى .
630 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەلىبە قىلىپ مەككىگە كىردى .
مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ئىسلام دىنىغا كىردى ... مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، ئىسلام دىنى پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارالغانىدى.
ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بەدىۋىيلەر باتۇر ھەم جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن ھەممىگە تۇنۇلغان خەلق ئىدى. بىراق، ئۇلار بۆلۈنۈپ كېتىشكەنىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، بىراق، شىمال تەرەپتىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدىغان جايلاردا ئولتۇرىدىغان ئەرەبلەر ئۇلارنى ھېچنىمە قىلالمايتتى.
تارىختا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرىنچى قېتىم ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى بىردەك ئېتىقادقا ئىگە قىلىپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلارنى ئاللانىڭ بەرھەقلىكىگە ئىشەندۈردى. شۇڭلاشقا سانى ئاز بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارالىدى، مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىن غەربىي قىسمىغا كېڭىيىپ، ساسسانىيلار دەۋرىدىكى پارىس ئىمپېرىيىسىنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى گۇمران قىلدى.
ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان دۆلەتلەردىكى ئادەم سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرەبلەرنىڭ سانى تولىمۇ ئاز ئىدى.
642 - يىلى، ئەرەبلەر مىسىرنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلدى ۋە يەنە 637 - يىلدىكى كادىسىيە ئۇرۇشى ۋە نىنىۋىي ئۇرۇشلىرىدا پارىس قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى.
بۇ ھالقىلىق غەلىبىلەر ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر بىن خەتتابتىن ئىبارەت ئىككى خەلىپە دەۋرىدە قولغا كەلتۈرۈلدى. بىراق، بۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ كېڭەيىش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيتتى.
711 - يىلى، ئىسلام قوشۇنلىرى شىمالىي ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلىپ تا ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بېسىپ كەلدى، كېيىن ئىسلام قوشۇنلىرى جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىسپانىيىگە بېسىپ كىردى. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپالىقلار ئىسلام قوشۇنلىرى پۈتۈن خرىستىئانلار دۇنياسىنى ئىگىلەپ كېتىدىغان بولدى، دېيىشكەنىدى.
بىراق، 732 - يىلدىكى فرانسىيە تور ئۇرۇشىدا، فرانسىيىنىڭ مەركىزىگە كىرىپ بولغان ئىسلام قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى. شۇنداقتىمۇ ئاللا ھەم ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابى <قۇرئانى كەرىم> ۋە روسۇلىللانىڭ چىن ئېتىقادچىلىرىدىن بولغان بەدىۋىيلەر زېمىنى شەرقتە ھىندىستان چېگرىسىدىن تارتىپ غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بولغان كەڭ ئىمپىرىيىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ھازىرغا قەدەر بولغان تارىختىكى ئەڭ زور ئىمپېرىيە ئىدى. ئىسلام قوشۇنلىرى ھەربىر دۆلەتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شۇ دۆلەت خەلقى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى تارقاتتى.
ئەرەبلەر ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان زېمىندا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. پارىسلار گەرچە ئىسلام ئېتىقادىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي پارچىلىنىپ چىقىپ كەتتى. ئەرەبلەر ئىسپانىيىگە يەتتە ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە ئۈزلۈكسىز كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەھلى سەلىپ (خرىستىئان قوشۇنلىرى) باستۇرۇپ كىرگەندە مۇسۇلمانلار مەغلۇپ بولدى.
ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمىي بۆشۈكلىرىدىن بولغان مىسىر ۋە ئىراقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتمۇ ئايرىلىپ چىقتى، بىراق ئىسلام ئېتىقادىنى ئۆزگەرتمىدى. شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق بولدى.
ئىسلام دىنى كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە ئۈزلۈكسىز كەڭەيدى . ئۇنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئوتتۇرا ئافرىقا، پاكىستان ۋە ھىندونېزىيىدە نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى.
شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، ئىسلام دىنى يەنە زېمىنى تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن، ئورتاق دىنىي ئېتىقادى، ئورتاق شىۋىسى بولمىغا <ئارال> دۆلىتى - ھىندونېزىيىنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئىسلام دىنى جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقتىكى ھىندىستاندا باشقا دىنلارغا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تارقالدى.
ئىسلام دىنى باشقا چوڭ دىنلارغا ئوخشاش، مۇرىتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭلاشقا، ھەرقايسى چوڭ دىنلارنى بەرپا قىلغۇچى ۋە ئۇنى تەرغىپ قىلغۇچىلار ئەلۋەتتە بۇ 100 كىشى قاتارىغا قويۇلۇش كېرەك.
خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ سانى مۇسۇلمانلاردىن بىر ھەسسە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 100 كىشىنىڭ بىرىنچىسى قىلىپ قويۇلۇشى كىشىنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئورۇنغا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون ئالتىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشىمۇ كىشىلەرنى ئوخشاشلا ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ بىرسى شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىش، مۇستەھكەملەش ۋە دىننىڭ قائىدە - ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشتىكى رولى قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خرىستىئان دىنىدىكى رولىدىن چوڭ بولدى ۋە ئورنىمۇ مۇھىم ئىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام گەرچە خرىستىئان دىنىنىڭ قائىدە - ئەھكاملىرىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن خرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە تېئولوگىيىسىنى ياراتقۇچى بولسا ھەۋارىيون پائۇل ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، <گوسپېل> دىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنىمۇ پائۇل يېزىپ چىققانىدى.
روسۇلىللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى، دىن ئەھكاملىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق قائىدە - تۈزۈملىرىنى ۋە شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت مىزانلىرىنى بەلگىلىگۈچى كىشى. ھەمدە <قۇرئان كەرىم> پەقەت ئۇنىڭغىلا نازىل قىلىنغان. مۇسۇلمانلار <قۇرئان كەرىم> دىن بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا ئۆزىگە لازىملىق ھەرقانداق نەرسىنى تاپالايدۇ.
روسۇلىللاغا نازىل قىلىنغان <قۇرئان كەرىم> نىڭ بەرھەقلىكىگە قىل سىغمايدۇ. يەنە كېلىپ <قۇرئان كەرىم> روسۇلىللا ھايات ۋاقتىدىلا تولۇق خاتىرىگە ئېلىنىپ بولۇنغانىدى. ئۇ شۇنداق ئىنچىكە خاتىرىلىگەنىكەنكى، كېيىنكى مەزگىللەردە بىرەر زىرى - زەۋەرلىرىمۇ ئۆزگەرتىلمىدى. ۋەھالەنكى، خرىستىئان دىنىدا بۇنىڭغا ئوخشاش كىتاب تېپىلمايدۇ. خرىستىئان دىنىدا <قۇرئان كەرىم> گە ئوخشاش، مۇرىتلارنى تەربىيىلەيدىغان پۇختا ھەم مۇپەسسەل بىرەر كىتاب يوق، <قۇرئان كەرىم> نىڭ كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خرىستىئان دىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن كەڭ ھەم چوڭقۇر.
دىنىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن رولى غايەت زور. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رولىمۇ ناھايىتى زور، ئەلۋەتتە.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا رېئال تۇرمۇشتىكى ئادەم، ئۇ ئۆيلەنگەن، ئاتا بولغان، سودىگەرچىلىك قىلغان، پادا باققان، ئۇرۇشقا قاتناشقان، يارىلانغان، كېسەل بولغان... ئاخىرى ۋاپات بولغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ غايەت زور كۈچ - قۇدرىتىگە ئاساسەنمۇ ئۇنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ سىياسىي داھىي دېيىشكە بولىدۇ.
تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، نۇرغۇن ئىشلارنى، يەنى مەشھۇر قەھرىمانلار بولمىسىمۇ يۈز بېرىۋېرىدىغان ئىشلارنى بايقايمىز. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىكىنى ئالساق، گەرچە سمون بولىۋاردەك ئادەم بولمىسىمۇ، ئۇلارمۇ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن بولاتتى... بۇ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. چوقۇم شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئادەم چىقىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلغان بولاتتى.
بىراق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولمىغان بولسا، بەدىۋىيلەر، ئەرەبلەر ۋە غايەت زور ئىمپېرىيە ھەققىدە بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى... بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۇنيادا تېخى بۇنداق ئۇلۇغ كىشى بولۇپ باققان ئەمەس؛ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى بولمىغان بولسا، تارىختىكى بىر يۈرۈش ئۇلۇغ غەلىبىلەرنىڭ قولغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
قىسمەن تارىخشۇناسلار ئېھتىمال ھاياجىنىنى باسالماي باشقا ئۇرۇشلارنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، 13 - ئەسىردىكى موڭغۇللار ئىستىلاسى، بۇنىڭ تۆھپىسى چىڭگىزخانغا مەنسۇپ، گەرچە چىڭگىزخاننىڭ يىراققا يۈرۈغ قىلىش دائىرىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇرۇش دائىرىسىدىن كەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇنغا بارمىدى. شۇڭا تەسىرىمۇ زور ۋە چوڭقۇر بولمىدى.
موڭغۇللار چېكىنىپ، يەنە چىڭگىزخاندىن بۇرۇن ئىگىلەپ تۇرغان ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىشتى.
موسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ... ئەرەبلەر ئىراقتىن ئەلمەغرىبكىچە باستۇرۇپ بېرىپ، بۇ كەڭ زېمىننى مۇسۇلمانلار دۆلىتىگە ئايلاندۇردى؛ بۇ يەرلەرنى پەقەت ئىسلام دىنى يۈزىسىدىنلا بىرلىككە كەلتۈرۈپ قالماستىن، تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىنمۇ بىرلىككە كەلتۈردى، شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئەرەبلەر <قۇرئان كەرىم> گە ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ خىل تەۋرەنمەس ئېتىقاد ئۇلار ئۈچۈن ئەرەب تىلىنى ساقلاپ قالدى. ئۇلارنى نەچچە ئون خىل مۈجمەل يەرلىك شىۋىدىن ئازاد قىلدى. دەرۋەقە، ئەرەب ئەللىرىدە نۇرغۇن ئوخشاشماسلىقلار مەۋجۇت، بۇ تەبىئىي ئەھۋال. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم بىرلىكنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن، 1973 -، 1974 - يىللىرى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان ئىران، ھىندونېزىيە غەربكە قارىتا نېفىت چەكلەش ھەرىكىتىگە قاتناشمىدى. بىراق، نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان باشقا ئەرەب ئەللىرى مۇستەسناسىز بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتى.
ئەرەبلەرنىڭ بۇ خىل بىردەك مەيدانى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يەتتىنچى ئەسىردىكى ئەرەبلەر ئۇرۇشىنىڭ رولى ۋە تەسىرى، ئىنسانىيەت تارىخىدا، تا ھازىرغىچە ناھايىتى زور ۋە چوڭقۇر بولماقتا.
دىن بىلەن بۇ رېئال دۇنيا ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر زىچ باغلىنىشنىڭ بولۇشى مېنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا تەسىرى ئەڭ زور شەخس ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەندۈردى.