Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد ھۆكۈملىرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىن
ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ئۈچ تارمىقىنىڭ بىرىنچىسى. <ئىمان> سۆزىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىمان <كەلىمە تەۋھىد> كە مەركەزلەشكەن. ھەدىستىن قارىغاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد ھۆكۈملىرى:
(1) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ روسۇلىغا؛
(2) ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە؛
(3) ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا؛
(4) ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە؛
(5) ئاخىرەت كۈنىگە؛
(6)تەقدىرگە (ياخشىلىق يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تىلىكى، تەقدىرى ۋە يارىتىشى ئىكەنلىكىگە) چىن قەلبى بىلەن ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.