Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسلام ۋە غەرب ئىتتىپاقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنى بىلەن غەرب پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت تەشكىلاتى بولۇپ، پايدا ئالمايدىغان مائارىپ، مەدەنىيە جەمئىيىتى سۈپىتىدە 1977 - يىلى شۋېيتسارىيىدە تىزىمغا ئالدۇردى. باش ئورگىنى جەنۋەدە، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە شۆبىلىرى تەسىس قىلىندى. باش ئورگىنى جەنۋەدە، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە شۆبىلىرى تەسىس قىلىندى. بۇ ئىتتىپاقنى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى، سىياسىي ساھەدىكى، دېپلوماتىيە ساھەسىدىكى زاتلار، ئالىملار بىرلىشىپ قۇردى. مەقسىتى: ئىسلامىيەت بىلەن غەرب دۇنياسى ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، غەرب بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. 1976 - يىلى ئوكسفوردتا، 1977 - يىلى ۋىنستا، 1978 - يىلى پارىژدا، 1984 - يىلى سېلۋىيىدە يىغىن ئاچتى. نەشر بۇيۇملىرى چىقىرىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن غەربكە ئىسلام دىنىنى تونۇتۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.