Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېڭ كۈي توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
«گېڭ - كۈي توپىلىڭى»چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوفىتسىرلىرى قوزغىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش. 12 - ئەسىردە مۈلكىي ئەمەلدارلار، يېقىن ۋەزىرلەر ھەدەپ يەرلەرنى قوشۇۋالغان ھەمدە ئوردا ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنى كۆزگە ئىلماي چەتكە قاققان، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ئەمەلدارلانىڭ مۈلكىي ئەمەلدارلارغا بولغان نارازىلىقى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيگەن. 1770 - يىلى (يېزوڭنىڭ 24 - يىلى گېڭ يىن) يېزوڭ مۈلكىي ئەمەلدارلارنى باشلاپ پوشەنيۇەندە سەيلە قىلىۋاتقاندا مۇھاپىزەتچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋەتقان ئوفىتسىرلادىن جىن جۇڭفۇ، لى يىفاڭ قاتارلىقلار ئۇشتۇمتۇت ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن مۈلكىي ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن، پايتەختكە قايتقاندىن كېيىن مۈلكىي ئەمەلدارلانى ئۆلتۈرۈپ، يېزوڭنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇجىداۋ ئارىلىغا پالىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئىنىسى مېڭزۇڭنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. 1173 - يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 3 - يىلى كۈيجى) شەرقىي شىمالىي تەرەپ باسقاق بېگى جىن پۇداڭ، جىن جۇڭفۇ، لى يىفاڭلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ، يېزۇڭنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىغان. جىن جۇڭفۇ، لى يىفاڭ قاتارلىقلار ئۇنى باستۇرۇپ، مۈلكىي ئەمەلدارلارنى يەنە قىرغان ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنى مەركەز ۋە يەرلىك ئۇرۇنلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىي ئىشلىرى ئاپپاراتىنى ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنى قىلغان. گىڭيىن، كۈييى يىللىرىدىكى ئىككى قېىتملىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشى تارىختا <گېڭ - كۈي توپىلىڭى> دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھاكىممۇتلەقلىك ھالىتى 1258 - يىلغىچە داۋاملاشقان.