Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېسسېل
پسىخولوگىيە
بۇ ئامېرىكىلىق بالىلار پىسخولوگى، ئۇ 1911 - يىلىدىن باشلاپ يېلو بالىلار ساناتورىيىسىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. 1950 - يىلى گېسسېل بالىلار تەرەقىياتى شۆيۈەنىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشتىن تارتىپ ياشلىق مەزگىلىگىچە بولغان تەرەقىيات جەريانىنى سان جەھەتتىن تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ۋە « تەرەقىيات بۆلۈنمىسى » نى كەشىپ قىلىپ، بۇنى بالىلارنىڭ ئەقلىنى سىناشتا كەڭ قوللانغان. ئۇنىڭ « بۈگۈنكى مەدەنىيەتتىكى بوۋاق ۋە بالا»، « بەش ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان بالىلار » دېگەن ئەسەرلىرى بار.