Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېشوۋ
دۇنيا تارىخى
(1849 - 1924). بۇلغارىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى (1886، 1894 - 1924)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. پلوۋدىۋدىكى سودىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1867 - 1872 - يىللاردا ئەنگلىيىدە ئوقۇپ، مانچىستىر داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1879 - يىلى مىللىي كېڭەشنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1882 - يىلى شەرقىي رۇمېلىيىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ بۇلغارىيە كىنەزلىكى بىلەن قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1889 - يىلى بۇلغارىيە پەن - مەدەنىيەت جەمئىيىتى (1911 - يىلى بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ رەئىسى بولغان. مىللىي بانكىنىڭ دېرىكتورى ۋە مالىيە ۋەزىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1912 - يىلى بالقان ئىتتىپاقى قۇرۇنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ، سېربىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە دوستلۇق - ئىتتپاقىلىق شەرتنامىسىنى تۈزگەن. <بۇلغارىيە ئىتتىپاقى> (ئەسلىمە ۋە ھۆججەتلەر) دېگەن ئەسىرى بار.