Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېستاپو
دۇنيا تارىخى
نېمىسچە Gestapo نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. فاشىستىك گېرمانيە مەخپىي دۆلەت ساقچىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى. گىتلېر 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، گرېنگ پرۇسسىيە شتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن تەشكىللىگەن ۋە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان. 1934 - يىلى 4 - ئايدا ئېسئېسچىلارنىڭ كاتتىبېشى گىمملېر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. 1936 - يىلى 6 - ئايدا ئېسئېسچىلارغا قوشۇۋېتىلگەن. ئۇ فاشىستلار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە ۋە ئىشغال قىلىنغان دۆلەتلەر خەلقى ئۈسىتىدىن ئىشپىيۇنلۇق ۋە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېلىپ بېرىش قورالى بولۇپ، 1946 - يىلى نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن جىنايەتكار تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛نېمىسچە
تارىخ
گىتلېرچىلار گېرمانىيىسىدىكى فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يوشۇرۇن دۆلەت ساقچىسى.