Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېزىتنىڭ تەركىب تېپىشى
نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى
گېزىت چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن گېزىت نامى، گېزىت چېكىسى، بەت، ئىستونلاردىن تەركىب تاپىدۇ. گېزىت نامى گېزىتنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە قويۇلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە1 - بەتنىڭ سول چېكىسىگە (ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردا ئوڭ چېكىسىگە) ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بەزىدە1 - بەت ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. گېزىت نامىنى ئادەتتە ئاتاقلىق كىشىلەر يېزىپ بېرىدۇ، باسما قارا ھەرپ بىلەنمۇ ئېلىنىدۇ. گېزىت نامىنىڭ ئاستىغا ئادەتتە كىچىك ھەرپ بىلەن نەشر قىلغۇچى ئورۇن، نەشر نومۇرى، ئومۇمىي سانى، چىقىرىلغان كۈنى قاتارلىقلار ئىزاھلىنىدۇ. نەشر نومۇرى بۇ گېزىتخانىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تىزىملىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، تىزىملاتماي تۇرۇپ چىقىرىلغان گېزىتنى مەزمۇنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاشكارا تارقىتىشقا بولمايدۇ.
گېزىت نامىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئورۇن «گېزىت چېكىسى» دېيىلىدۇ. ئۇنىڭغا قانداق مەزمۇننى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە بەلگىلىمە يوق، بەزى گېزىتلەر شۇ ساننىڭ مۇھىم مەزمۇنى، كالېندار، ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بەزىلىرى مۇھىم خەۋەر ياكى سۈرەت ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئېلان ئورۇنلاشتۇرىدۇ. «گېزىت چېكىسى» نىڭ ئورنى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېلاننىڭ ھەققى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
گېزىتنىڭ بەت ئورنى بەت دېيىلىدۇ. گېزىت ئۈچۈن ئېيتقاندا،1 - بەت مۇھىم خەۋەرلەر بېتى بولۇپ، بۇ بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەۋەرلەر باشقا بەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىرىدىن مۇھىم بولىدۇ. توغرىسىغا تىزىلىدىغان گېزىت بېتىدە سولدىن ئوڭغا يېزىلىدىغانلىرىنىڭ سول ئۈستى بۇرجىكى ئوڭ ئۈستى بۇرجىكىدىن مۇھىم بولىدۇ. گېزىتتە خەۋەر ماۋزۇسى ھەرپىنىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشىمۇ شۇ خەۋەرنىڭ مۇھىم - مۇھىم ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ماۋزۇدا خەۋەر ۋە ماقالىنىڭ مەزمۇنى يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىپ بېرىلگەچكە، ئوقۇرمەنلەر خەۋەر ۋە ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاسان چۈشىنىۋالالايدۇ. شۇڭا، ئوقۇرمەنلەر بەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە ماۋزۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپلا، شۇ گېزىتنىڭ مەيدانى، قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى بىلىۋالالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گېزىتنى ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئىستون گېزىتنىڭ قەرەللىك سەھىپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى ماقالىلەر بېرىلىدۇ. گېزىتلەردە ھەمىشە «پەن - تېخنىكا گۈلزارى»، «دۇنياغا نەزەر»، «ئوقۇرمەنلەردىن خەت» دېگەنگە ئوخشاش ئىستونلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئىستوندىن باشقا يەنە قەرەلسىز چىقىپ تۇرىدىغان مەخسۇس بەتمۇ بولۇپ، ئۇ مەخسۇس سەھىپىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ. ئالايلۇق، بىرەر بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم بۇيرۇتما ماقالىلەر مەخسۇس بەت قىلىنىدۇ؛ بىرەر مەسىلە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغاندا، مۇھاكىمە بېتى چىقىرىلىدۇ. مەخسۇس بەتلەر مەلۇم ۋاقىت خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، قەرەللىك مەخسۇس ئىستوندەك تۇراقلىق بولمايدۇ.
ئېلان − ھازىرقى گېزىتلەر دائىم قوللىنىدىغان بىر خىل تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولۇپ، بۇنىڭدا سودا ئېلانلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، گېزىتلەردە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش، ئۇقتۇرۇش، ئىزدەش ئېلانى ۋە ئۇقتۇرۇشى، مەدەنىي مەشغۇلات ئېلانى قاتارلىقلارمۇ بېرىلىپ تۇرىدۇ. گېزىتلەرگە بېرىلگەن ئېلانلار ئۈچۈن مۇئەييەن ھەق ئېلىنىپ، گېزىتخانىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ.