Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېگېل
دۇنيا تارىخى
(1770 - 1831). گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، گېرمانىيە كىلاسسىك ئىدېئالىزمنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى. شتۇتگارتتىكى بىر بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1788 - يىلى تيۇبىنگېن ئىلاھىيەت شۆيۈەنىگە كىرگەن. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپ يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1801 - 1807 - يىللاردا يېنا داشۆسىدە لېكتور، پروفېسسور بولغان. 1808 - 1816 - يىللاردا نيۇرىنبۇرگ ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان. 1816 - 1817 - يىللاردا ھۋيدېلبېرگ داشۆسىنىڭ پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1818 - يىلى پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، پەلسەپە لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. 1830 - يىلى بېرلىن داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى خولېرا كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ياش ۋاقتىدا روسسو ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەركىنلىككە ئىنتىلىپ، فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا تەلپۈنۈپ، سىياسىي ئىسلاھاتنى قۇۋۋەتلىگەن. ئەمما ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىدىن قورققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پرۇسسىيە مۇستەبىت سۇلالىسى بىلەن مۇرەسسەلىشىش يولىغا مېڭىپ، ئەينى چاغدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى ئوبىكتىپ ئىدىئالىزم بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيانى مۇتلەق ئىدىيىنىڭ ئىپادىنلىنىشى ۋە تەرەققىياتى دەپ قارىغان. ئۇنىڭ <مۇتلەق ئىدىيە>سى ئەمەلىيەتتە خۇدانىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن لوگىكا، تەبىئەت ۋە روھتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچى شەكىللەنگەن، شۇڭا گېگېلنىڭ پەلسەپە سىستمىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا لوگىكا، تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە روھ پەلسەپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورگانىك تەركىبىي قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گېگېلنىڭ قارىشىچە، لوگىكا <ئىدىيە (ئەقىل) نىڭ ئۆزىدىكى ئۆزى ئۈچۈنلۈكىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن> بولۇپ، ئۇ ئۆز لوگىكىسىدا سان بىلەن سۈپەتنىڭ ئۆز ئارا ئۆزگىرىشى، قارىمۇ قارشىلىقىنىڭ بىرلىكى، ئىنكارنى ئىنكار قىلشىنى تەپەككۈر قانۇنىيىتى قىلىپ، ئىدېئالىزملىق ئۇسۇل ئارقىلىق شەرھلىگەن. بۇ دىئالېكتىكىلىق ئىدىيىلەر گېگېل پەلسەپىسىنىڭ مېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەبىئەت پەلسەپىسى <ئىدىيىنىڭ ياتلىشىشىنى ياكى چەتلىشىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن> بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە ماددا بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىرلىكى، شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ۋە ئايلىنىشچانلىقى قاتارلىق ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىدىيىلەرنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان. روھ پەلسەپىسى <ئىدىيىنىڭ چەتلىشىشتىن ئۆزىنىڭ ئەسلىگەقايتىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن> بولۇپ، ئۇ روھ پەلسەپىسىدە ئىجتىمائىي سىياسىي، ئېتىكا ۋە تارىخ توغرىسىدىكى ئىدېئالىزملىق نەزەرىيىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە تارىخىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىگە سىڭگەن تەرەققىيات يىپ ئۇچىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ، تۇنجى قېتىم پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسى، تارىخ دۇنياسى ۋە روھ دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىش، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققى قىلىش ئۈستىدە تۇرغان جەريان، دەپ قارىغان ھەمدە ھەرىكەت ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشقان. بۇ، گېگېلنىڭ غايەر زور تۆھپىسى. لېكىن ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى بىلەن مېتودىكىسى قارىمۇ - قارشى بولۇپ، ماھىيەتتە ئىنقىلابىي ۋە تەنقىدىي بولغان دىئالىكتىكا كونسېرۋاتىپ بولغان ئېدىئالىزمنىڭ تۇنجۇقتۇرىشىغا ئۇچرىغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس گېگېل دىئالېكتىكىسىنىڭ <ئەقىلغا مۇۋاپىق مېغىزى> نى تەنقىدىي قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىدىئالىزملىق شاكىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىنقىلابىي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. گېگېل پەلسەپىسى ماركسزملىق پەلسەپىسىنىڭ نەزەرىيە مەنبەلىرىدىن بىرى بولغانق. ئاساسىي ئەسەرلىرى <پەلسەپە قامۇسى>، <لوگىكا> (ئادەتتىكى ئاتىلىشى <چوڭ لوگىكا>)، <قانۇن پەلسەپىسىنىڭ قائىدىلىرى>، <پەلسەپە تارىخى ھەققىدە لېكسىيە>، <تارىخ پەلسەپىسى ھەققىدە لېكسىيە>، <ئىستېتىكا ھەققىدە لېكسىيە>، <روھىي ھادىسە ئىلمى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.