Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېلدىيە سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى سوتسىيالىزمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گىلد ئىنگلىزچە guild نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇ، ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىردىكى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىدە كۆرۈلگەن بىر خىل بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. پېنتى (1875 - 1937)، ھوسون (1864 - 1940)، كولې (1889 - 1959) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ۋەكىللىرى. بۇ ئېقىمدىكىلەر دۆلەتنىڭ سىنىپىيلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئىشچىلار ئارىسىدا سىنىپىي كۈرەش قىلمايمۇ ئېكسىپلاتاتسىيىدىن قۇتۇلغاىل بولىدۇ دېگەن خام خىيالنى تارقاتقان. بۇرژۇئا دۆلىتى دائىرىسى ئىچىدە كەسپىي ئىشلار دېموكراتىيىسى ۋە كەسپىي ئىشلار بويىچە ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. ئىشچىلار، ئىنژىنېر - تېخنىك خادىملار كەسىپداشلار بويىچە كەسىپىي گېلدلارنى تەشكىل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى، دۆلەت مەھسۇلاتلىرىنى تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل بولۇش ۋە ئۇمۇم خەلقنىڭ ئىستېمالىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. كەلگۈسىدىكى جەمئىيەت نۇرغۇن گېلدلاردىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە گەۋدە بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. گېلد سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا <تىنچ> دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئىشچىلار سىنىپىنى ئىنقىلابىي كۈرەشتىن چەتلەش، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولېتارىيات دېكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىگەن.