Uyghur主要词典
ئەبۇ نۇۋاس
دۇنيا تارىخى
(756 - 813) ئەرەب شائىرى. ئىرانىڭ ئەھۋاز شەھىرىدە تۇغۇلغان. بەسرە ۋە كۇفە شەھەرلىرىدە ئوقۇغان. كېيىن خەلىپە ھارۇن رەشىدە ۋە ئاموننىڭ مېھمىنى بولۇپ قالغان. ئەرەب تىلىغا كامىل، لىرىكىلىق شېئىر ۋە ھەجۋىي شېئىر يېزىشقا ئۇستا بولۇپ، ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە مۇھەببەت ۋە ئېسىل مەي ۋەقەلىك قىلىنغان. سۆز - ئىبارىلىرى ئۆتكۈر ۋە كۈچلۈك بولۇپ، باغداد ئوردىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. باغدادتا ئۆلۈپ كەتكەن.