Uyghur主要词典
ئەبۇ مۇسلىم
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 727 - 755) ئىراندىكى خوراسان دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئۇ پېرسىيە تەۋەلىكىدىكى قويۇپ بېرىلگەن قۇل ئىدى. كېيىن مەككىگە ھەج قىلىشقا بارغاندا ئابباسىيلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەمدە ئۇمەييە خاندانلىقىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خوراسانغا ئەۋەتىلگەن. مىلادى 477-يىل باج - سېلىقنى كېمەيتىشنى چاقىرىق قىىلپ، قارا بايراق چىقىرپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن (<ئەبۇ مۇسلىم قوزغىلىڭى> غا قاراڭ). 750-يىلى ئابباسىيلار خاندانلىقى قۇرۇلغاندىن، خوراسلارننىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالاس (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى جامبۇل شەھىرى) تا جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋشەنجى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، تەسىر كۈچىنى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتكەن. 754-يىلى مەنسۇرنىڭ خەلىپىلىكنى تارتىۋېلىشىغا ياردەملەشكەن. لېكىن مەنسۇر ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەپ ئىككىنچى يىلى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەبۇ مۇسلىم ئىراندا يۈكسەك ئابرويغا ئىگە بولغاچقا، Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىراندا بولغان بىر قانچە قېتىملىق قوزغىلاڭ ئۇنىڭ نامى بىلەن چاقىرىق قىلىنغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۇمەييە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن سانغۇن. قۇللۇقتىن كېلىپ چىققان، خۇراسانلىق. 747 - يىلى خۇراساندا ئۇمەييە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىش يولىدكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى قوزغىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى ئىسلام دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى بولۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە باجنى ئازايتىش، ھاشارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن 750 - يىلى خەلىپە قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تارمار قىلغان. ئىراقتىكى ئەرەب ئاقسۆڭەك ئەبۇ ئابباس (722 - 754) مۇشۇ غەلىبىدىن پايدىلىنىپ ئابباسىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان. ئەبۇ مۇسلىم خۇراساننىڭ ۋالىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ قوشۇنى 751 - يىلى تالاس (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جامبۇل شەھىرى) يېنىدا جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋشيەنزى قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلغان. ئەبۇ مۇسلىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچى كۈنسايىن كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، ئابباسىيە خەلىپىسى مەنسۇر (754 - يىلىدىن 775 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) گۇمانلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.