Uyghur主要词典
ئەبۇ ھەنىفە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ھەنەفىيە ئېقىمىغا ئاساس سالغان ئادەم. ئەسلىي يۇرتى پرسىيە بولۇپ، كۇفەدە دۇنياغا كەلگەن. يېپەك رەخىت تىجارىتى بىلەن تىرىكىچىلىك قىلغان. بالا ۋاقتىدا فەفىھ ھەممەد بىننى ئەبى سۇلەيمان ( ؟ - 737) ۋە كۇفەدىكى مۇقەددىس ئەمىر بىننى شەرائىل شەربى (؟ - 728) نىڭ قولىدا ئوقۇغان ھەمدە شىئە مەزىپىدىكى ئالتىنچى ئىمام جەئفەر سادىقتىن فىقھە ئۆگەنگەن. فىقھە تۈزگەندە ھەدىسنى ئېھتىيات بىلەن نەقىل كەلتۈرۈپ، قىياس ئۇسۇلىنى تەبىق قىلغان. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولۇپ، بۇ سۇلالە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمىغان. ئۇمەييە سۇلالىسىدىكى مەرۋان Ⅱ (744 - يىلدىن 750 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە ئىراق ۋالىسى يەزىدە بىننى ئۆمەرنىڭ ئۇنى كۇفەگە قازى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى رەت قىلغانلىقتىن تەن جازاسىغا تارتىلغان. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋىدە خەلىپە مەنسۇر بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقتىن يەنە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ھەمدە تۈرمىگە سېلىنغان. باغدات تۈرمىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەبۇ ھەنىفە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دەسلەپكى چاغلاردىكى يەرلىك كۇفە ئېقىمى ھەنەفىيە بولۇپ ئۆزگەرگەن. ئەبۇ ھەنەفىيە بولۇپ ئۆزگەرگەن. ئەبۇ ھەنىقە فىقھە ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.