Uyghur主要词典
ئەبۇ يۈسۈف ياقۇب قەقىھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەدىنىدىكى ئەنسارىلار ئەۋلادى. كۇفەدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە ئائىلىسى يوقسۇل بوغلاچقا، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ياردىمى بىلەن فىقھە ئوقۇغان. تەخمىنەن 782 - يىلىدىن كېيىن ئابباسىيلاr سۇلالىسىنىڭ پايتەختى باغداتقا قىازى بولۇپ، ئەدلىيە، مالىيە ۋە قازى تەيىنلەش قاتارلىق ئىشلاردا خەلىپىگە مەسىلىھەت بەرگەن. كېيىن ئۇنىڭغا ئابباسىيلاr سۇلالىسى تەرىپىدىن باش قازىلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. خەلىپە ھارون رەشىد (786 - يىلدىن 909 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەلىپى بىلەن <ئەل خەرەج> ناملىق ئەسەر يېزىپ جامائەت مالىيىسى، باج كىرىمى، جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە <ئەرۋازئىغا رەددىيە>، <قەدىمىي ۋەسىيەتلەر>، <ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىبنى ئەبى لەيرىرا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ>، شەرىئەت يول قويىدىغان توقۇلمىلار< قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. شەببانى بىلەن بىللە ھەنەفىيەگە ئاساس سالدى.