Uyghur主要词典
ئەبۇ مۇسلىم قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
مىلادى 747 - 750-يىللىرى ئىراندىكى خوراسان دېھقانلىرى ئۇمەييە خاندالىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭغا ئەبۇ مۇسلىم رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ باج - سېلىقنى كېمەيتىش، ھاشارنى ئەمەلدىن قالدۇۇرش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېھقانلار، شىئە مەزىپىدىكىلەر، خاۋارىجلار، ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولغان بىر قىسىم ئىران فېئوداللىرى ۋە ئەرەب قەبىلىرى قوزغلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار خوراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى مەرۋى شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، تېزلىكتە پۈتۈن ئۆلكىنى كونترول قىلغان ھەمدە غەلىبىسېرى ئىراققا يۈرۈش قىلغان. 750-يىلى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتقان. لېكىن قوزغىلاڭنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ئابۇل ئابباس (724 - 754) قولغا كىرگۈزۈۋالغان، ئۇمەييە خاندانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خاندانلىقى قۇرۇلغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارتىلغان ئابباسىيلار قوزغىلىڭى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئابباسىيلار ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. 747 - يىلى 6 - ئايدا پرسىيىلىك ئەبۇ مۇسلىم <شەرىئەتكە لايىقلىق> نىڭ خۇراسان (ھازىر ئىران چېگرىسى ئىچىدە) دىكى ئەلچىسى سۈپىتىدە، باجنى ئازايتىش، ھاشارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى شۇئار قىلىپ، ئابباسىيلار جەمەتىنىڭ قارا بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، خۇراساننىڭ شەرقىي قىسمىدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى. خۇراسان قاتارلىق جايلاردا ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولۇپ يۈرگەن پارس، ئەرەب دېھقانلىرى، كاسىپلار ۋە سودىگەرلەر قوزغىلاڭغا قاتناشتى. قوزغىلاڭ شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىجلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. ئۈچ يىل جەڭ قىلىش ئارقىلىق، قوزغىلاڭچى قوشۇن خەلىپىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنىنى تارمار قىلدى. مەرۋان ئىككى ( 744 - يىلىدىن 750 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) قېچىپ كېتىپ، مىسىردا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇمەييە سۇلالىسى يوقالدى. ئەبۇ ئابباس (722 - 754) ئابباسىيلار سۇلالىسىنى قۇردى. ئەبۇ مۇسلىم خۇراساندا بىر مەزگىل ۋالىي بولۇپ، 754 - يىلى مەنسۇر (475 - يىلىدىن 775 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.