Uyghur主要词典
ئەبۇ يەزىد بىستامى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<بەيەزىد> مۇ دېيىلىدۇ. بىستامى بىلەن مەشھۇر. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ داڭلىق ۋەكىلى. پرسىيىنىڭ كۈمىس ئۆلكىسىدىكى بىستامدىن. ئاتا - بوۋىلىرى ئەسلىي زاراتوسترا دىنىنىڭ مۇخلىسى بولۇپ، كېيىن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. ھەنەفىيەدىن فىقھە ئۆگەندى. كېيىن ھىندىستانلىق تەسەۋۋۇپچى ئەبۇ ئەلى سىندىدىن <قۇرئان كەرىم> نى ئۆگەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىندىدىن تەسەۋۋۇپچىلىق ئۆگىنىپ، <فەنا> چۈشەنچىسىنى ئەھلى تەسەۋۋۇپقا كىرگۈزۈپ، سپىزمنى يېڭى باسقۇچقا تەرەققىي قىلدۇردى. ئىستىقامەتكە پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ، فەنانى تەسەۋۋۇپچىلىق نەزەرىيىسىنىڭ يادروسى قىلدى. ئىنسان ئاللا بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندە <مەن ئەمەسمەن. ھەقىقەت تىلىق ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. مەن فەنامەن> دەپ قارىدى. ئالدى بىلەن تەسەۋۋۇپچىلارغا پان ئىلاھىزمنى ئۆگەتتى. ئىنسان رىيازەت چېكىش، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئىنكار قىلىش ئارقىلىق فەناغا يېتەلەيدۇ. يەنى ئاللا بىلەن بىرلىشىپ كېتىدىغان مەنزىلگە يېتەلەيدۇ. دەپ قارىدى. ئەبۇ يەزىد بىستامى ئەنئەنىچى مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراپ، بىر مەھەل سەرگەردان بولدى. لېكىن، كۆپ ۋقىتنى يۇرتىدا زاھىدلىق بىلەن ئۆتكۈزدى. ھەم زاھىدلىقتا چىڭ تۇردى، ھەم شەرىئەتكە ھۆرمەت قىلدى. ۋاپات بولغاندا بىستامغا دەپنە قىلىندى. ئەبۇ يەزىد بىستامى ئالەمدىن ئۆتۈپ 100 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگرىتلىرىدىن تەيفۇرىيە دىنىي پىرقىسى شەكىللەندى. ئۇ يازغان 500 پەند - ۋەسىيەت (بەزىلەر ھەممىنى ئەبۇ يەزىد بىستامى يازمىغان دەيدۇ) قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇردى.