Uyghur主要词典
ئەبۇ لەھەب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەقىقىي ئىسمى ئابدۇ ئۇززا. ئەبۇ مۇتتەلىبنىڭ ئوغلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى، ئەبۇ سۇفياننىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىرى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تەرغىب قىلغاندا خوتۇنى بىلەن بىللە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىزچىل دۈشمەنلىك قىلدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەبۇ لەھەب بەدرى غازىتىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن، قۇرەيشلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ ھەسرت چېكىپ ئۆلگەن. <قۇرئان كەرىم> نىڭ 111 - سۈرىسىدە بۇ ئەر - خوتۇن ئىككىسى <لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ> دەپ لەنەت ئوقۇلغان.