Uyghur主要词典
ۋېررى
دۇنيا تارىخى
(1728 - 1797) ئىتالىيىلىك مەرىپەتچى. پەيلاسوپ، ئىقتىسادشۇناس ۋە قانۇنشۇناس. 18 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىغىچە لومباردىيىدە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، چېگرا بېجى ۋە مالىيە تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھاتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مىلاندىكى ئىتالىيە مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى <كۈچ جەمئىيىتى> گە قاتناشقان. 1790 - يىلى ئەركىن پادىشاھلىق تۈزۈم ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۈلۈكدارلار سايلىمىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەكالەت تۈزۈمى ئاپپاتارىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. <كوفىخانا> ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل تەھرىرى بولۇپ، ئەركىن سودا ۋە سانائەت تەرەققىياتىنى تەرغىپ قىلىپ قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى قۇۋۋەتلىگەن.