Uyghur主要词典
ۋېر سىگېپتورىكس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 46) گاللى (گېلتا) لارنىڭ رىمغا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ داھىيىسى. ئارۋېرنى ئۇرۇقىنىڭ ئاقساقىلى. رىمنىڭ باش قوماندانى كائېسار گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە، بىلگىيىدە) نى بويسۇندۇرغان مەزگىلدە، مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، رىمنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان ۋە نۇرغۇن جايلارنى قايتۇرۇۋالغان، كائېسار پۈتۈن كۈچىنى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا قاراتقان ھەمدە گېرمانىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئالېسىيە (سېنا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان) نى قورشىۋالغان. قوزغىلاڭچىلار مۇھاسىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۈمىدى ئۈزۈلگەن چاغدا، تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ئەسىرگ ئېلىنىپرىمغا ئەۋەتىلگەن، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.