Uyghur主要词典
ۋېرونا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 4 - قېتىملىق يىغىن. 1822 - يىل 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە ئىتالىيىنىڭ ۋېرونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كورۇللىرى قاتناشقان. يىغىندا روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئەنگلىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، فرانسىيىگە مۇقەددەس ئىتتىپاقىنىڭ نامىدا ئىسپانىيىگە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. يىغىن ئاۋسترىيىنىڭ نېئاپول پادىشاھلىقى ۋە ساردىنىيە پادىشاھلىقىدىكى ھەربىي ئىشغالىيىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغان، گرېتسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان. يىغىن ئاخىرلاشقاندا چىقىرىلغان روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ئۈچ دۆلەت ئېلانىدا، مۇقەددەس ئىتتىپاق ھەرقانداق ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، دەپ تەكىتلىگەن. يىغىن ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان زىددىيەتلەرنى ئاشكارىلىغان، مۇقەددەس ئىتتىپاق شۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دىپلوماتىك يىغىنلارنى قايتا ئاچالمىغان.