Uyghur主要词典
ۋېستمىنىستېر نىزامى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد Ⅰ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە پارلامېنتنىڭ ۋېستمىنىستېردا ماقۇللىغان نىزامى. بۇ نىزام جەمئىي ئۈچ: 1275 - يىلدىكى نىزام، قەدىمىي فرانسۇز تىلىدا يېزىلغان، جەمئىي 51 ماددا بولۇپ، ھەق - تەلەپ جىنايى ئىشلار ۋە ئەدلىيە تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بولۇپمۇ زاسىداتېللارنىڭ رولى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. چوڭ فېئوداللارنىڭ سىياسىي تەسىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. 1285 - يىلدىكى نىزام لاتىن تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 51 ماددا. بۇنىڭدا يەر ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدۇ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ فېئوداللارنىڭ جامائەت يەرلىرىنى قورشاپ ئىگىلىشىگە يول قويۇلىدۇ؛ خان جەمەتى سوتى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا سودىيە ئەۋەتەلەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 1290 - يىلدىكى نىزام، لاتىن تىلىدا يېزىلغان. بۇنىڭدا فېئوداللارنىڭ ئىگىلىگەن يېرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئەركىن ھالدا باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن يېڭى خوجايىنلار ئەسلىدىكى فېئوداللىق جەمبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.