Uyghur主要词典
ۋېرسال ۋاشىنگتون سىستېمىسى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرغان جاھانگىرلىك تىنچلىق سىستېمىسى. 1919 - 1920 - يىللاردا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلەر مەغلۇپ دۆلەت گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە ۋە تۈركىيە بىلەن <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە باشقا شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ، ۋېرسال سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 9211 - 1922 - يىللاردا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەنە ۋاشىنگتون يىغىنى چاقىرىپ، <توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى> ۋە باشقا شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ، ۋاشىنگتون سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋېرسال - ۋاشىنگتون سىستېمىلىرى جاھانگىر چوڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتدارلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ ۋاقىتلىق تىنچلىقىنى قوغدىغان. لېكىن 30 - يىللارغا كەلگەندە، كاپىتالىزم دۇنياسىدا ئىقتىسادىي كرىزىس، سىياسىي كرىزىس چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىكى تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كەسكىنلەشكەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ فاشىست دۆلەت ئۈچ بۇرجەك ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا بىر قاتار قىسمەن ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا بەرپا قىلغان بۇ سىستېمىلارنى پەيدىنپەي بۇزۇپ تاشلىغان. گېرمانىيە 1939 - يىلى پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغانلىقتىن، بۇ سىستېمىلار ئۈزۈل - كېسىل پارچىلانغان.