Uyghur主要词典
ۋېرگنىيائۇد
دۇنيا تارىخى
(1753 - 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى كىروند مەزھىپى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. كاتتا سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بوردو ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ئادۋوكات بولغان. 1791 - يىلى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. قاچقۇن ئاقسۆڭەكلەرگە ۋە قەسەمنى رەت قىلىش مەزھىپىدىكى مىسسىئونېرلارغا قارشى نۇتۇقلىرى بىلەن داڭق چىقارغان. 1792 - يىلى رولاند ۋە دېمورېز باشچىلىقىدىكى گىروندىچىلار كابىنېتىنى قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن. كېيىن قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، كورۇلنڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاقىتلىق توختىتىش پەرمانىنى چىقارغان. 1793 - يىلى 1 - ئايدا، مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، مىللىي ئۇيۇشما نامىدىن لۇئى ⅩⅥ نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. لېكىن پارىژ خەلقىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىدىن قورقۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئىنقىلابىي سوت قۇرۇشقا قارشى تۇرغان. 1793 - يىلى 10 - ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.