Uyghur主要词典
ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىيەتتە يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشتا ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىنىڭ پرۇسسىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەرتنامىسى. فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ 1756 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - ۈكنى ئىمزالىغان <ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى> غا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئۆز زېمىنىنى پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەمدە ئۆزئارا ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى. 1757 - يىل 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، بۇ شەرتنامىگە روسىيە قاتناشقان. فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1758 - يىل 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يېڭى <ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا پرۇسسىيە بىلەن سۈلھ قىلماسلىقىنى، فرانسىيىنىڭ 100 مىڭ ئەسكەر چىقىرىدىغانلىقىنى، فرانسىيىنىڭ 100 مىڭ ئەسكەر چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە ئاۋسترىيىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاۋسترىيىنىڭ سىلېزىيىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى بەلگىلىگەن. روسىيە 1760 - يىلى بۇ شەرتنامىگە قاتناشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。