Uyghur主要词典
ۋېدا
دۇنيا تارىخى
<بىلىم> ياكى <يورۇقلۇق> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قەدىمكى ھىندىستاندىكى براخما دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى. ئۇ، مەزمونى، خاراكتېرى ۋە تۈزۈلگەن ۋاقتىغا قاراپ تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ براخمانلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىپ كەلگەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. كېيىن سانسكرىت يېزىقى بىلەن پالما دەرىخى يوپۇرمىقى ياكى دەرەخ قوۋزاقلىرىغا يېزىپ قالدۇرۇلغان. تۆت ۋېدا كىتابى ئىچىدە <رىگ ۋېدا> يەنى <نۇر ھەققىدە قەسىدە> قىسمى ئەڭ كونا، ئەڭ قىممەتلىك قىسمى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1200 - 900 يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى نەزمىلىرى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولسا كېرەك. بۇ، تەڭرىلەرنى مەدھىيلەشنى مەزمون قىلغان ئىپتىدائىي ناخشىلار توپلىمى بولۇپ، 1028 كۇپلېت مەدھىيە ناخشىسى بار، 10 جىلدقا بۆلۈنگەن. ئاساسەن گۈلدۈرماما، چاقماق، يامغۇر مۇئەككىلى ئىندىرا، ئوت مۇئەككىلى ئاگنى ۋە شاراب مۇئەككىلى سۇما قاتارلىقلار مەدھىيلەنگەن. <ساما - ۋېدا> يەنى <نۇر ھەققىدە ناخشىلار> دا، جەمئىي 1549 شېئىر بولۇپ، كاھىنلارنىڭ نەزىر - چىراق قىلغاندا ئېيتىدىغان ناخشىلىرى. كۆپ قىسمى <رىگ - ۋېدا> دىن ئېلىنغان ياكى رىگ - ۋېدا ئاساسىدا كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان. <ياجۇر - ۋېدا> يەنى <نۇر ھەققىدە نەزىر - چىراق> جەمئىي 40 بابقا بۆلۈنگەن. مەدھىيە ناخشىلىرىنىڭ كۆپى <رىگ ۋېدا> دىن ئېلىنغان، شۇنداقلاپ مەخسۇس نەزىر - چىراق مۇراسىملىرىغا ئاتاپ تۈزۈپ چىقىلغان. پەقەت مەدھىيە ناخشىلىرى ئارىسىغا نەسىرلەرمۇ قىستۇرۇلغان. <ئاتارۋا - ۋېدا> يەنى <نۇر ھەققىدە بالايىئاپەتتىن خالاس بولۇش دۇرۇتى> جەمئىي 731 كۇپلېت قوشاق بولۇپ، 20 جىلدقا بۆلۈنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇنى ئەۋلىيا - ئاتارۋا يەتكۈزگەنىكەن. بۇنىڭ تۈزۈلگەن ۋاقتى يۇقىرىقى ئۈچ قىسىمدىن كېيىنرەك بولۇپ، ئاساسەن ئاپەتتىن خالاس قىلىدىغان تۇمار، ئەپسۇنلاردىن ئىبارەت. بۇ كۆپرەك پېرىخونلارنىڭ تۇغۇت، توي - تۈكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى، پادىشاھ - بەگلەرنى ئەمەلگە تەيىنلەش مۇراسىملىرى قاتارلىق ئۆرپ - ئادەت، دۇئا - تىلاۋەت مۇراسىملىرىدا قوللىنىلغان. ۋېدا كىتابى، بولۇپمۇ <رىگ - ۋېدا> دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا مۇئەييەن ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداقلا قەدىمكى ھىندىستان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئالىملار ئارىيانلارنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈپ كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر باسقۇچلۇق تارىخىنى كۆپىنچە <ۋېدا دەۋرى> دەپمۇ ئاتايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سانسىكرىتچە
دىن
براخما دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ ئەڭ قەدىمىي مۇقەددەس كىتابلىرى. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىلدىن 1000 - يىلغىچە ئارىلىقتا كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن.