Uyghur主要词典
ۋېب
دۇنيا تارىخى
(1947 - 1859) ئەنگلىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى. فابىيان سوتسيالىزمنىڭ نەزەرىيىچىسى، بېركىنبىك ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1885 - يىلى فابىيان جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1892 - يىلى لوندون ئىقتىسادىي ئىنستىتۇتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ھەمكارلاشقان ھەمدە پروفېسسور بولغان. 1922 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1924 - يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك لېبورىستلر پارتىيىسى كابىنېتىدا سودا ۋەزىرى بولغان. 1929 - 1931 - يىللىرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك لېبورىستلار پارتىيىسى كابىنېتىدا مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. <تەدرىجىي ئىلگىرىلەش> ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، يەر ۋە سودا - سانائەت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكى ياكى شەھەر ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەنگلىيە لېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ سىياسىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. مۇھىم ئەسەرلىرى: <ئەنگلىيە سوتسىيالىزمى>، <سانائەت دېموكراتىيىسى>، <ئەنگلىيىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر> قاتارلىقلار.