Uyghur主要词典
ۋيېتنام مەسىلىسى ھەققىدىكى پارىژ كېلىشىمى
领域: دۇنيا تارىخىتولۇق ئاتىلىشى <ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىم>. ۋيېتنام مەسىلىسى ھەققىدىكى پارىژ يىغىنىغا قاتناشقان تۆت تەرەپ (ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئامېرىكا، جەنۇبىي ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە سايگون ھاكىمىيىتى) 1973 - يىل 1 ـ ئاينىڭ 27 - كۈنى پارىژدا رەسمىي ئىمزالىغان، شۇ كۈنى بۇ كېلىشىمنىڭ تۆت توختامنامىسىمۇ ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمونى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر 1954 - يىلىدىكى ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى جەنۋە كېلىشىمىدە ئېتىراپ قىلىنغان ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ؛ كېلىشىم ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ، پۈتكۈل جەنۇبىي ۋيېتنام زېمىنىدا ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ كېلىشىم ئىمزالىنىپ 60 كۈنى ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ قوشۇنلىرى ۋە ھەربىي خادىملىرى جەنۇبىي ۋيېتنامدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدۇ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ۋيېتنامدىكى ھەربىي ئارىلىشىشىنى داۋاملاشتۇرمايدۇ، جەنۇبىي ۋيېتنامنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك بېرىدۇ؛ جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقى جەنۇبىي ۋيېتنامنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنى دېموكراتىك ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ئۆزى بەلگىلەيدۇ؛ ۋيېتنامنىڭ بىرلىككە كېلىشى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق تەدىرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。