Uyghur主要词典
ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى پارىژ خەلقئارا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
<ۋيتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى پارىژ كېلىشىمى> نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 1973 - يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا جۇڭگو، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، فرانسىيە، ۋېنگرىيە، ھىندۇنېزىيە، پولشا، ئەنگلىيە، كانادا، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى، سايگون ھاكىمىيىتىدىن بولۇپ 12 ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋالدھېم (1918) قاتناشقان. يىغىندا <ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن قارارنامىسى> ماقۇللانغان. قارانامىدە <ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىم> ۋە ئالاقىدار تۆت كېلىشىمنامە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ھىمايە قىلىنىپ ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلىنىپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ تۈپ مىللىي ھوقۇقى، يەنى ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەمدە <جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئەستايىدىل ئېتىراپ قىلىنىپ ۋە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ>، <كېلىشىم ۋە كېلىشىمنامىنىڭ ماددىلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت قوللىنىلمايدىغانلىقى> غا كاپالەتلىك قىلىنغان.