Uyghur主要词典
ۋيېتنام فرانسىيە ۋېرسال شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ رۇەن فۇياڭ گۇرۇھى بىلەن فرانسىيە ئىمزالىغان شەرتنامە. يېقىنقى زامان ۋيېتنام تارىخىدىكى تۇنجى تەڭسىز شەرتنامە بولۇپ، 1787 - يىل 11 - ئاينڭ 28 - كۈنى گراف موننمورىن فرانسىيىگە، ئېپىسكوپ بېھائىنې (1741 - 1799، فرانسىيىلىك) ۋيېتنامغا ۋەكىل بولۇپ فرانسىيىدىكى ۋېرسالدا ئىمزالىغان. جەمئىي 10 ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ۋيېتنام خۇيئەن (شەنگاڭ) پورتىنى ۋە كۇنلۇن ئارىلىنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدۇ؛ فرانسىيە ۋيېتنامدا سودا قىلىش ۋە تۇرۇش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ فرانسىيە ۋيېتنامغا قوشۇن ئەۋەتىپ، رۇەن فۇياڭنىڭ شىشەن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئەسكەر ئەۋەتىشكە مەسئۇل بولغان فرانسىيىنىڭ ھىندىستاننىڭ پوندىچېررى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى گراف دې كونۋانى بېھائىنې بىلەن ئەپ بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1789 - يىلدىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا توغرا كەلگەنلىكتىن، بۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولالمىغان. ئەمما بېھائىنې فرانسىيىدە ياللانما قوشۇن توپلاپ، پاراخوت، قورال - ياراق، ئوق - دورىغا ئىگە بولۇپ، شىشەن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان.