Uyghur主要词典
ۋىي ۋاسا
دۇنيا تارىخى
ماداغاسقاردىكى تۇنجى مىللەتچى مەخپىي تەشكىلات. ماداغاسقار يېزىقىدىكى Vy (تۆمۈر)، Vato (تاش)، Sakelika (دەرەخ شېخى) دىن ئىبارەت ئۈچ سۆزنىڭ باش بوغۇمىدىن تەركىب تېپىپ، قىسقارتىپ <VVS> دەپ يېزىلىدۇ، ئاھاڭ تەرجىمىسى <ۋېي ۋاسا> دەپ ئوقۇلىدۇ. مەنىسى مۇستەھكەم، ساپ ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى دەرەخ شېخىغا ئوخشاش باراقسان دېگەنلىك بولىدۇ. 1912 - يىلى پايتەخت تانانارىۋودىكى تىببىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش، مىللىي ئالاھىدىلىكنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن نۇرغۇن شەھەرلەر ۋە ئاھالە ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئۇنىڭ ياچېيكىلىرى قۇرۇلغان. 1915 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.