Uyghur主要词典
ۋىۋېكاناندا
دۇنيا تارىخى
(1862 - 1902) سانسكرىت تىلىدىكى مەنىسى خۇشاللىقنى پەرق ئېتىش. ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپى، بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپپەككۇرى. ئەسلى ئىسمى ناراندرانات داتتا. 1883 - يىلى ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا ئۆلكىلىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن قانۇن ئوقۇغان ۋە غەرب پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان. سانسكرىت تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن. يوگاكارا مەزھىپىنىڭ نومى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، جاينا دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى چوڭقۇر تەھسىل قىلغان. كېيىن براھمان جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاخىرىدا راماكرىشنانىڭ مۇرىتىغا ئايلانغان. 1893 - يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدەئېچىلغان دۇنيا دىنىي يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيىلەردە كۆپ قېتىم دىنىي ۋە ئىلمىي نوتۇق سۆزلەپ، ۋېداتتا مەزھىپىنىڭ تەلىماتىنى تەرغىپ قىلىپ، غەربتە زور تەسىر پەيدا قىلغان. 1896 - يىلى نيۇ - يوركتا ۋېداتتا تەتقىقات جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1897 - يىلى كالكۇتتىدا راما كىرىشنا دىن تارقىتىش جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1899 - يىلى ھىندىستان دىنىي پەلسەپىسىنىڭ <ئىككى بولماسلىق نەزەرىيىسى> ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇ <يېڭى ۋېداتتا مەزھىپىنىڭ> باش تەشەببۇسچىسى دەپ قارىلىدۇ. مىللىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇش، <ئىجتىمائىي زالىم پادىشاھ> لارنى قوغلاپ چىقىرىش، دىنىي قارىمۇ - قارشىلىقنى ۋە تائىپە ئارازلىقىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى <ھەرىكەت يوگاكاراسى>، <شاھ يوگاراكاسى>، <ئەقىل يوگاكاراسى>، <ۋېداتتا پەلسەپىسى>، <ھازىرقى ھىندىستان>، <شەرق ۋە غەرب>، <قەدىمكى ھىندىستان داستانى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.