Uyghur主要词典
ستېۋان ئۇروس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1285 - 1331). سېربىيە كورۇلى (1321 - 1331). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، چوڭ فېئوداللار بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، چېركاۋنىڭ قوللىشىغا ئىنتىلگەن. سىرتقا قارىتا، 1330 - يىلى 7 - ئايدا كيۇستېندىل (ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا)نىڭ يېنىدا بۇلغارىيە بىلەن ۋىزانتىيىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇلغارىيە كورۇلى مىخائىلنى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى ئۆز ئوغلى ستېۋان دۇشان باشچىلىقىدىكى چوڭ فېئوداللار تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.