Uyghur主要词典
ستېندال
دۇنيا ئەدەبىياتى
20 - ستېندال (1783 −1842 - يىللار) فرانسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى.1827
- يىلى ستېندال فرانسىيىنىڭ «ئەدلىيە ئاخباراتى» گېزىتىدە: ياش يىگىت پېرد بىر پۇلدار ئائىلىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۈرۈپ، ئۇ ئائىلىدىكى خوجايىن ئايالنىڭ ئاشنىسى بولۇپ قالغان، كېيىن، بىر خىل كۈنداشلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇنىڭغا قەست قىلغان، دېگەن بىر ئىجتىمائىي خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ خەۋەر ستېندالنىڭ ئىلھامىنى قوزغايدۇ، ئۇ ماتېرىيالنى ئوبدان پىششىقلاپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەت توغرىسىدىكى تونۇشىنى سىڭدۈرۈپ، سىياسىي پۇراق ۋە دەۋر پۇرىقى قويۇق بولغان بىر روماننى يېزىپ چىقىدۇ. دەسلەپتە ئۇ رومانغا «جۇلېئان» دەپ نام بەرگەن، كېيىن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «قىزىل ۋە قارا» دېگەن نامنى قويغان ھەم «1830 - يىلىدىكى ئىشلار» دەپ قوشۇمچە تېما قويغان.
ستېندال ھايات ۋاقتىدا ئەدەبىياتتا ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىمۇ پەقەت سىڭلىسى، نەۋرە ئاكىسى ۋە يازغۇچى مېرىمېي ئۈچەيلەنلا ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتقان. ستېندال ئۆزىنىڭ موشۇنداق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بالدۇرلا بىلىپ، «1880 - يىلىغا بارغاندا مېنى چۈشىنىدىغانلار چىقىدۇ»، «1935 - يىلىغا بارغاندا مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىگە بولىمەن»دېگەنىدى. ئۇ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن20 - ئەسىر ئۈچۈن يازىمەن» دېگەنىدى.
ستېندال كىچىكىدىنلا «ئەركسىزلىكتىن ئۆلۈم ياخشىراق» دېگەن ئەقلىيە سۆزگە ئېتىقاد قىلاتتى، ئۇ ئۆمرىدە ناپولېئونغا ئەڭ چوقۇنغان. فرانسىيە قوشۇنى روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ،1814 - يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندا ئۇ قاتتىق ئازابلانغان. بوربون خانىدانلىقى قايتا تىرىلگەندە ئۇ فرانسىيىدىن كېتىپ، ئىتالىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، قايتا تىرىلگەن خانىدانلىق بىلەن قەتئىي قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا ئۇ ئىتالىيىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلەر تەشكىلاتى كاربونالار پارتىيىسى بىلەن قويۇق باردى - كەلدى قىلغان.1821 - يىلى كاربونالار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇنىڭغا چېتىلىپ قېلىپ، دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ ئەدەبىيات جەزمەن دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.
»قىزىل ۋە قارا« ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. روماننىڭ باش پېرسوناژى جۇلېئاننىڭ كېلىپ چىقىشى تۆۋەن، ئەقىللىق، قابىل. ئۇ ناپولېئونغا چوقۇنىدۇ، ناپولېئون دەۋرىدىكى ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ، بىردىنلا يۇقىرى ئۆرلىشىگە ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن خانلىق ھاكىمىيەت تىرىلگەندىن كېيىن بۇ يول ئاقماي قالىدۇ. ئۇ پوپنىڭ كىرىمى ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدىكى داڭلىق گېنېراللارنىڭ كىرىمىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، دىنىي جەمئىيەت يولى ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ تەقۋادار ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىدۇ، ئاخىر ئاقسۆڭەكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ پاش قىلىش خېتى ئۇنىڭ سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، ماركىز قىزى ماتېل بىلەن جۇلېئاننىڭ تويىنى ئەمەلدىن قالدۇرۈۋېتىدۇ. جۇلېئان ئاچچىقىدا شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنى ئېتىپ يارىدار قىلىدۇ، سوت ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. ئەسەردە جۇلېئاننىڭ تراگېدىيىسى ئارقىلىق ئۇششاق بۇرژۇئازىيە بىلەن ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر قارىمۇقارشىلىقنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىدىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى چاكىنا پۇل مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1783 - 1842) ئەسلى ئىسمى ھېنرى. مارىي بېيلى فرانسىيىنىڭ تەنقىدىي رىئالىزمچى يازغۇچىسى. گرېنوبلدا ئادوۋكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا مەرىپەت ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلەنگەن، كېيىن يەنە 18 - ئەسىردىكى ماتىرىيالىزملىق پەيلاسوپلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان،ناپولېئونغا چوقۇنغان. 1799 - يىلى پارىژغا كېلىپ، ناپولېئون ئارمىيىسىگە كىرىپ، كۆپ قېتىم سىرتقى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە خان جەمەتى سۇيۇرغاللىق يېرىنىڭ باش خوجىدارى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋالىيسى، خان جەمەتى جەبخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1418 - يىلى بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ مىلان دېگەن يېرىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئىتالىيىنىڭ كاربونارلار (ياغاچ كۆمۈر كۆيدۈرگۈچىلەر) پارتىيىسى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. 1821 - يىلى كاربونارلارپارتىيىسىنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارىژغاقايتىپ كېلىپ، تىرىلىشكە قارشى تۇرىدىغان ۋە ناپولېئوننى مەدھىيلەيدىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە <راسىن بىلەن شېكسپېر> 19 - ئەسردىكى تەنقىدىي رىئالىزملىق ئەدەبىياتتىكى تۇنجى نەزىرىيىۋى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <قىزىل ۋە قارا> بولسا تەنقىدىي رىئالىزملىق ئەدەبىياتتىكى تۇنجى نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1850 - 1842 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىتالىيىنىڭ تىرىيېست ۋە جىۋىتا ۋېجھىيا دېگەن جايلىرىدا كونسۇل بولۇپ، ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىزچىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يەنى <پارمى موناستىرى>، <لۇسئېن لۋان>، <ناپولېئون ھەققىدە ئەسلىمە> ۋە <ناپولېئوننىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.