Uyghur主要词典
سچۇئېروس
دۇنيا تارىخى
(1896 - 1974) مېكسىكا تام رەسىملىرى ئۇستىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى. مېكسىكىنى ھازىرقى زامان تام رەسسامچىلىقىغا ئاساس سالغۇچى، مېكسىكا تام رەسسامچىلىقىدا ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ بىرى. دەسلىپىدە مېكسىكا شەھىرىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1910 - 1921-يىللىرىدىكى مېكسىكا بۇرژۇا دېموكراتىك ئىبنقىلابىغا قاتناشقان. 1919 - 1921-يىللىرى ياۋروپاداگۈزەل سەنئەت ئۆگەنگەن. 1922-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، تام رەسسامچىلىقى سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەتلىك تەييارلىق مەكتىپىدە تام رەسىم ئىخجادىيىتىنى باشلىغان. 1925 - 1930-يىللىرى ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىللە دۆلەتلىك تەييارلىق مەكتىپىدە تام رەسىم ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1925 - 1930-يىللىرى ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرلىككەت كەلگەن ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1932-يىلدىن كېيىن ئامېرىكا، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، 1934-يىلى فاشىزمغا ۋە ئۇرۇشقا قارشى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. 1937-يىلى ئىسپانىيە خەلق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ كولوننا قوماندانى بولغان. 50-يىللاردا مېكسىكا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جامائەت قۇرۇلۇشلىرىدا تام رەسسامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1960-يىلى 8-ئايدا نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1964-يىلى 7ايدا قويۇپ بېرىلگەن. 1969-يىلى خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش ئىشلىرى بويىچە لېنىن خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1971-يىلى 7-ئايدا <پارتىيىنىڭ لۇشيەنى> گە قارشى تۇرغانلىقتىن مېكسىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ <فاشىستلىشىش جەريانى>، <يېڭەى دېموكراتىيە> ۋە <ئىنسانىيەت ئىلگىرىلىمەكتە> دېگەن مۇھىم ئەسەلىرى بار.