Uyghur主要词典
سخېما ئارىلىق بىرلىكى
بىئولوگىيە
ئىرسىيەت سخېمىسىدا ھەر قايسى گېنلارنىڭ ئارىلىقلىرىنىڭ يىراق - يېقىنلىقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بىرلىك بولۇپ، بۇ گېنلارنىڭ قايتىدىن بىرىكىش چاستوتىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىر پىرسەنتلىك قايتىدىن بىرىكىش چاستوتىسى بىر سخېما ئارىلىق بىرلىكى قىلىپ بەلگىلەنگەن، مەسىلەن، مېۋە چىۋىننىڭ Y (سېرىق تەنلىك) بىلەن W (ئاق كۆزلۈك) گېنلىرىنىڭ قايتىدىن بىرىكىش چاستوتىسى %1.5، يەنى ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 1.5 سخېما ئارىلىق بىرلىكى بولىدۇ. D (يېيىلغان قاناتلىق) بىلەن sb (بويۇن پېيى قىسقا) لارنىڭ ئارىلىقىدىكى قايتىدىن بىرىكىش چاستوتىسى %17.8 يەنى ئۆزا ئارا ئارىلىقى 17.8 سخېما ئارىلىق بىرلىكى بولىدۇ.