Uyghur主要词典
ستېۋان نېمانيا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1114 - 1200) سېربىيىنىڭ چوڭ ژۇپانى (1170 - 1196)، نېمانيا سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. راسكا (ھازىرقى سېربىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) ئۇنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى ئىدى. ئۇ باشقا ژۇپانلار بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 1170 - يىلى چوڭ ژۇپانلىق نامىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1185 - يىلى بۇلغارىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇلغارىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 1190 - يىلى ۋېزانتىيىنى سېربىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى قوغداپ، بوگومىلچىلارنى شەپقەتسىز باستۇرغان. 1196 - يىلى تەختنى ئوغلى ستېۋان نېميانا Ⅱ (؟ - 1227)غا بېرىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ موناستىرغا كىرىۋالغان.