Uyghur主要词典
ستېلىنگا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
مىلادى 841- 843 - يىللاردىكى ساكسېن دېھقانلىرىنىڭ فېئوداللاشتۇرۇشقا قارشى قوزغىلىڭى. Ⅸ ئەسىرنىڭ بېشىدا، فرانك فېئوداللىرى بىلەن يەرلىك فېئوداللارنىڭ ماك كوممۇنىسىنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلەپ، ئەركىن دېھقانلارنى ۋە باشقا ئاھالىلەرنى قول قىلىشى، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ شوئارى قەدىمكى يېزا جامائەسى تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، <بۇرۇنقىغا ئوخشاش ياشاش> بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئەسىر يىلنامىچىلىرى قوزغىلاڭچىلارنى <ستېلىنگا> (مەنىسى <قەدىمكى قانۇننىڭ ئوغۇللىرى> دېگەن بولىدۇ، بۇ سۆز قەدىمكى ساكسېن تىلىدىكى Stel - قەدىمكى زامان، ling - ئوغۇل، ئەۋلادتىن كەلگەن) دەپ ئاتىغان. 843 - يىلى ئەتىيازدا، ئىمپېراتور چارلېسنىڭ نەۋرىسى لۇئى (گېرمان) تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.