Uyghur主要词典
ستېۋان دۇشان
دۇنيا تارىخى
(1309 - 1355) سېربىيىنىڭ كورۇلى (1331 - 1346)، ئېمپېراتورى (1346 - 1355). 1330 - يىلى دادىسى ستېۋان ئۇروس Ⅲ بىلەن بىللە كيۇستېندىل (ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسىمدا)نىڭ يېنىدا بۇلغارىيە - ۋىزانتىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇلغارىيىنى بېقىندۇرغان. ئىككىنچى يىلى چوڭ دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، تەختنى تارتىۋالغان. 1345 - يىلى پۈتكۈل ئالبانىيىنى ۋە ماكېدونىيىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى (تېسسالونىكىدىن باشقا) بويسۇندۇرغان. 1346 - يىلى 4 - ئايدا، سكوپلې شەھىرىدە سېربىيىنىڭ ئارخېئېپسكوپى تەرىپىدىن تاج كىيدۈرۈلۈپ، <سېربىيىلىكلەر ۋە گرېتسىيىلىكلەرنىڭ ئىمپېراتورى> دەپ ئاتالغان. 1348 - يىلى يەنە ئېپرۇس، تېسسالى (گرېتسىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسىمدا) لارنى ئىشغال قىلغان. كېيىن ۋېنگرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ماكۋا رايونى بىلەن بېلگراد شەھىرىنى قايتۇرۋالغان. دۇشان يەنە كونستانتىنوپول ۋە پۈتكۈل بالقان يېرىم ئارىلىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، 1349 - يىلى <ستېۋان دۇشان قانۇنى>نى ئېلان قىلىپ، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى قانۇن شەكلى ئارقىلىق قوغدىغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيە پارچىلىنىپ كەتكەن.