Uyghur主要词典
ساككو ۋانزېتتى ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
(1747 - 1818)ئامېرىكا ھۆكۈمېتىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىغان سىياسىي زىيانكەشلىك ۋەقەسى. 1920 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيانلار ئىتالىيە مۇھاجىرلىرىدىن بولغان ئىشچىلارنىڭ يولباشچىسى ساككو ۋە ۋانزېتتى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ماسساچۇست شتاتىغا قاراشلىق جەنۇبىي برانتىرىدىكى بىر ئاياغ كىيىم زاۋۇتىنىڭ كاسسسىرى بىلەن ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، 15 مىڭ دوللار ئىش ھەققى پۇلىنى بۇلاپ كەتكەن، دەپ قارىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 1927 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامېرىكا ۋە دۇنيا ھەققانىيەتچى جامائەتچىلىكى دەلىل - ئىسپات تولۇق ئەمەس دەپ ئەيىبلىگەن، نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىش تاشلاش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى بولغان. لېكىن ھۆكۈمەت يەنىلا ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان. شۇيىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.