Uyghur主要词典
ساكىس
دۇنيا تارىخى
(1891 - 1970) شۋىتسىيە تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك يەھۇدىي شائىر، دراماتورگ. بېرلىندىكى سانائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەۋردە باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن. 17 يېشىدا شېئىر ۋە سەھنە ئەسىرى يازغان. ناتسىستلار ئەۋج ئالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1940 - يىلى شۋېتسىيىلىك ئايال ئەدىب لاگېرلىفنىڭ ياردىمى بىلەن، ئانىسى بىلەن بىللە شۋېتسىيىگە قېچىپ كېلىپ، شۋېتسىيە تىلىنى ئۆگەنگەن ھەمدە شۋېتسىيە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمەقىلىش ئىشىنى ئىشلىگەن. ئەسەرلىرىدىن كۆپىنچە ئاددى - تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋە زۇلۇم چېكىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، يەھۇدىي ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى ئىچىدە روماندى<ئۆلۈكلەر ماكانى>، <مورا>، <ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ ئازابى>؛ سەھنە ئەسىرىدىن <ئىسرائىلىيىلىكلەر ئازابىنىڭ سىرى> قاتارلىقلار بار. 1966 - يىلى يەنە بىر يەھۇدىي يازغۇچى ئاگنون بىلەن بىللە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ستوكھولمدا ئۆلگەن.