Uyghur主要词典
ساڭجۇدىكى شىمالىي مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېبېي ساڭجۇدىكى ئازادلىق ئوتتۇرا كوچىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە. بۇ مەسچىت 1420 - يىلى سېلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5318 كۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3008 كۋادرات مېتىر، دەرۋازا، سەراپ، دەرسخانا، نامازخانا قاتارلىق ئىمارەتلەردىن تەركىب تاپقان. نامازخانا 81 ئېغىز بولۇپ، كۆلىمى 1200 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. ساڭجۇ ئەتراپىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۆلكىنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.