Uyghur主要词典
ساكيامۇنى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 565 - 485 ياكى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 563 - 483) بۇددا دىنىغا ئاساس سالغۇچى. فامىلىسى گائۇتاما، ئىسمى سىددىخارتا، ساكيا قەبىلىسىدىن، مۇنىنىڭ مەنىسى ئەۋلىيا ( دانىشمەن، زاھىد) بولۇپ، كېيىنكىلەر ساكيامۇنى ياكى ساكيا دەپ ئادەتلەنگەن. تەلىمات ياراتقاندىن كېيىن ھۆرمەتلەپ بۇددا دەپ ئاتالغان، مەنىسى <ئويغانغۇچى> دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى كاپىلاۋاستۇ دۆلىتىنىڭ لۇمبىنى دېگەن جايىدا (ھازىرقى نېپال تەۋەسىدە) تۇغۇلغان. دادىسى سۇددوداناخان، ئانىسى مايا، كساتىرىيا تائىپەسىدىن؛ ئۇ ئوردىدا تەربىيلىنىپ چوڭ بولغان، بالاغەتكە يەتكەندە ياسوداراغا ئۆيلەنگەن ۋە بىر بالىلىق بولغان (ئوغلىنىڭ ئىسمى - راھۇلې) ساكيامۇنىنىڭ دۇئا- ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ دىن تارقىتىش جەريانىدىكى خىلمۇ - خىل شەرگۈزەشتىلىرى كېيىنىكى بۇددا رىۋايەتلىرىدىن كەلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شاھزادە ساكيا بۇ دۇنيادىكى ئاغرىق - سىلاق، ئۆلۈم - يىتىم ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، كۆپ ھاللاردا روھى چۈشۈپ دۇنيادىن بىزار بولىدىكەن. ئۇ براخمان كاھىنلىرىنىڭ ۋائىزلىق قىلىشىغا نارازى بولۇپ، 29 يېشىدا بىركۈنى ئايدىڭ كىچىدە ئاق ئاتقا مىنىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى قۇتولۇش يولىنى ئىزدەپ، ئۆيىدىن دەرۋىش (سرامان) بولۇپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ ئاتاقلىق ئۇستازلارنى زىيارەت قىلغان، دەسلەپتە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، زاھىدلار ئورمىنىدا ئالتە يىل دەرۋىشلىك قىلىپ، بۇددا گايادىكى نىليەنجەن دەرياسىغا چۆمۈلۈپ، فىكوس دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۆزى يالغۇز جىم ئولتۇرۇپ، بىرقانچە كۈن پىكىر قىلغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئويغانغانمىش. ئۇ بۇ دۇنيادىكى غەيرىلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئون ئىككى خىل سەۋەبىنى چۈشىنىپ، نىرۋانايانى راھەت - پاراغەتدۇنياسى - تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈشنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن ئىبارەت ئازابتىن قۇتۇلۇپ، تۇغۇلماي، ئۆلمەي مەڭگۈ ئەقىل - ھۇشىنى ساقلاپ قالغان ھالدا جىمجىت ھالەتكە كىرىپ، راھەت -پاراغەتتە ياشاشنىڭ ئەلا ئۇسۇلىنى تاپقانمىش؛ ئۇ تەلىمات ياراتقان يىلى 35 ياشقا كىرگەن شۇنىڭدىن كېيىن يۇرت كېزىپ ھەممىلا يەردە بۇددا دارما (يولى) ھەققىدە ۋەز ئېيتقان. ئەڭ ئاۋۋال مىرگاداۋادىن بەش شاگىرت ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا جاپا چېكىش، يىغىش، يوقىتىش، تەرىقەتتىن ئىبارەت تۆت ئۇلۇغ ساتيا (تۆت چوڭ ھەقىقەت) ۋە سەككىز توغرا يول (ئارىياستانگى - كامارگا) نى ئۆگەتكەن. بۇ، <بۇددا گەردىشىنىڭ دەسلەپكى چۆگىلىشى> ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شاگىرتلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان، 45 يىل ئىچىدە گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپ چىققان. ماگارھا (پايتەختى راجاگرىھا شەھىرى) نىڭ پادىشاھى بىمبىسارا، كوسالا (پايتەختى ساراۋاستى شەھىرى) نىڭ پادىشاھى پاسېنادى ئۇنىڭ تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا قەسىر ھەدىيە قىلغان. ساكيا قەبىلىسىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇددا دىنىغا كىرگەن، شۇنداق قىلىپ تەسىرىپەيدىنپەي كېڭەيگەن. ساكيامۇنى 80 ياشقا كىرگەن چېغىدا كۇسنارانىڭ يېنىدىكى سالا جۈپ دەرىخى ئاستىدا يوقالغان (ۋاپات بولغان).ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن كاسياپا ۋە ئاناندا قاتارلىقلار راجاگرىھا شەھىرىدە ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە ۋەزلىرىنى يادلاپ رەتلىگەن (بىرىنچى قېتىملىق توپلاش)، كېيىن يەنە بىرقانچە قېتىملىق توپلاش ئارقىلىق، <بۇددا دىنىنىڭ سۇترا، ۋىنايا، ئابىدارما> دىن ئىبارەت <ئۈچ پىتاكا> سى (كىتابى) بارلىققا كەلگەن. بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشى جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىپتىدائىي ھىنايانا (كىچىك كۆلەڭگۈ) مەزھىپىدىن ماھايانا (ئۇلۇغ كۆلەڭگۈ) مەزھىپى ھاسىل بولۇپ، ئاخىر دۇنياۋى دىن بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىن
بۇددا دىنىنى بەرپا قىلغۇچى كىشى؛ ساكيامۇنى تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرلەردە ياشىغان.