Uyghur主要词典
ساكۇرادا دەرۋازىسى ئالدىدىكى ۋەقە
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىدىن چوڭ بەگ ئىناۋ ناۋسوكنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە. 1858 - يىلى ئىناۋ چوڭ بەگ بولغاندىن كېيىن تاشقى جەھەتتە ئەنجېڭ شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، ئىچكى جەھەتتە ئەنجېڭ يىللىرىدىكى چوڭ بېسىقتۇرۇشنى تۇغدۇرغان. بۇ ھال پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن. 1860 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سېكى ئوسۇكى قاتارلىق مىتو، سامو ۋاسساللىرىدىكى 18 نەپەر زات ئېدو شەھىرىنىڭ ساكۇرادا دەرۋازىسى ئالدىدا ئىناۋنى ئۆلتۈرگەن. شوگناتقا قارشى ھەرىكەت شۇنىڭ بىلەن تېز راۋاجلانغان. شوگنات ھۆكۈمرانلىق بارغانسېرى تەۋرىنىپ قالغان.